چاۋۇشئوغلۇ لاتىن ئامېرىكادا زىيارەتتە بولىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ مارتتا بىر قىسىم لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1765618
چاۋۇشئوغلۇ لاتىن ئامېرىكادا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى ۋە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى داوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسلىرى بىلەن ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىزمەت يىغىنى ئۆتكۈزدى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، لاتىن ئامېرىكا ئەللىرى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەنلىكلىرىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مارت ئېيىدا بىر قىسىم لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولىمىز، بىرازىلىيەدىن بىر تەكلىپ كەلدى، جەنۇبتىن باشلاپ ئوتتۇرا ئامېرىكاغا قەدەر 4 – 5 دۆلەتتە زىيارەتتە بولىمىز، مۇناسىۋەتلىرىمىزنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزىمىز، مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كەسپداشلىرىمىز بىلەن، ئەگەر قوبۇل قىلغان تەقدىردە، دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز.»

لاتىن ئامېرىكا رايونىدىكى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەنمۇ زىچ ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، ئوتتۇرا ئامېرىكا بىر گەۋدىلىشىش گۇرۇپپىسى بىلەن كېلەر قېتىملىق يىغىننى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر سەۋىيەسىدە چاقىرىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى، تۈركىيەنىڭ لاتىن ئامېرىكا رايونىدىكى ۋاكالەتخانىلىرىنىڭ سانىنى 17 گە يەتكۈزگەنلىكلىرىنى، لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ئەلچىخانىلىرىنىڭ سانىنىڭمۇ 16 گە يەتكەنلىكىنى، بۇ جەھەتە ناھايىتى زور ئىلگىرىلەشلەرنى ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى، تۈركىيە بىلەن لاتىن ئامېرىكا رايونىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈشى ۋە سودىنىڭ ئالدىدىكى توسالغۇلارنىڭ پاچاقلاپ تاشلىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «لاتىن ئامېرىكا ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى كۈچەيتىش نىشانىمىز، بىر گەۋدىلىك روھى ئاساسىدا ئورتاق بىر كېلەچەك ئۈچۈن ھەمكارلىقىمىزنى كۈچەيتىشتۇر. دەرۋەقە، بۇ دائىرىدە خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز، بۇ ھەقتە تاشلانغۇسى قەدەملەرنىمۇ ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە قوللايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر