تۈركىيەدىن ئەرمېنىيەگە ۋە ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىگە ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلىنىدۇ

قاتناش مىنىستىرلىقى ئەرمېنىيە ۋە ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىگە ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ باشلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

1765008
تۈركىيەدىن ئەرمېنىيەگە ۋە ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىگە ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتناش مىنىستىرلىقى ئەرمېنىيە ۋە ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىگە ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ باشلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

قاتناش مىنستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، تۈركىيە-ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۆزئارا ئايروپىلان سەپەرلىرىنى باشلاشنىڭ قارار قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، خەلق ئاۋىياتسىيە باش ئىدارىسىنىڭ پېگاسوس ھاۋا يوللىرىغا ئىستانبۇل سابىھا گۆكچەن-يېرىۋان لىنيەسىدە ھەپتىدە ئۈچ قېتىملىق ئايروپىلان سەپىرىگە رۇخسەت قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«ئەرمېنىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىگىمۇ يېرىۋان-ئىستانبۇل لىنيەسىدە ھەپتىدە ئۈچ ئايروپىلان سەپىرىگە رۇخسەت قىلىندى. ئۆزئارا ئايروپىلان سەپەرلىرى 2-فېۋرال باشلىنىدۇ. ئەرمېنىيە ئايروپىلانى ئەنقەرە ۋاقتى 19:50 دە ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىغا قونىدۇ. پېگاسوس ئايروپىلانى شۇ كۈنى ئەنقەرە ۋاقتى 23:35 تە سابىھا گۆكچەن ئايرودۇرۇمىدىن كۆككە كۆتۈرۈلىدۇ.»

ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىگىمۇ ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ باشلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا يەنە: «ئانادولۇژېت شىركىتىنىڭ گازىئانتەپ-ئەربىل ئايروپىلان سەپەرلىرى 24-يانۋاردا باشلىنىدۇ. ئۆزئارا ئايروپىلان سەپەرلىرى دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى ھەپتىدە ئىككى كۈن قىلىنىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر