شەنتوپ قاتارغا كەتتى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن قاتارغا كەتتى.

1764879
شەنتوپ قاتارغا كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەنتوپ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى ھەيئىتى، قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ.

شەنتوپنىڭ، كېيىنچە قاتار شۇرا مەجلىسىنىڭ رەئىسى ھەسسان بىن ئابدۇللاھ ئەلغانىم ۋە قاتار باش مىنىستىرى، قوشۇمچە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ خالىد بىن خەلىفە بىن ئابدۇلئەزىز ئالسانى بىلەن كۆرۈشۈشى پىلانلانماقتا، ھەمدە دوھا ئىنىستىتۇتىنى زىيارەت قىلىپ، «يېڭى بىر دۇنيا تەرتىپى قۇرۇلۇشى ھارپىسىدا: دوستلۇقلار، ئىتتىپاقداشلار، ھەمكارلىقلار» تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر