شەنتوپ قاتار ئەمىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن يېتىپ بارغان قاتاردا شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى بىلەن كۆرۈشتى.

1765152
شەنتوپ قاتار ئەمىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار ئەمىرلىك دىۋانى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، شەنتوپ، پايتەخت دوھادا شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان.

ئۇچرىشىشتا، قاتار – تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقتىن سىرت يەنە، تۈرلۈك ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

شەنتوپنىڭ، كېيىنچە قاتار شۇرا مەجلىسىنىڭ رەئىسى ھەسسان بىن ئابدۇللاھ ئەلغانىم ۋە قاتار باش مىنىستىرى، قوشۇمچە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ خالىد بىن خەلىفە بىن ئابدۇلئەزىز ئالسانى بىلەن كۆرۈشۈشى پىلانلانماقتا، ھەمدە دوھا ئىنىستىتۇتىنى زىيارەت قىلىپ، «يېڭى بىر دۇنيا تەرتىپى قۇرۇلۇشى ھارپىسىدا: دوستلۇقلار، ئىتتىپاقداشلار، ھەمكارلىقلار» تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر