تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 177 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد-19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 177 كىشىىگە يەتتى

1763209
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 177 كىشى قازا قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە  384 مىڭ 263 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 63 مىڭ 977 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.

بىر كۈن ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 52 مىڭ 16 كىشىگە يەتتى.

تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە  ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 139 مىليون 71 مىڭ 821 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر