تۈركىيە ئىراقتا يۈز بەرگەن ھۇجۇملارنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە ئىراقنىڭ پايتەختى باغداددا يۈز بەرگەن ھۇجۇملارنى ئەيىبلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ، تۈنۈگۈن ۋە ئۈلۈشكۈن بەزى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ باغدادتىكى ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى ۋە چەت ئەل ۋاكالەتخانىلىرى جايلاشقان يېشىل رايون نىشان قىلىنغان ھۇجۇملاردىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپقانلىقى ۋە بۇ ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقى، ھۇجۇملاردا يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: «قوشىنا دۆلەت ئىراقتا ئورتاق تونۇش ئاساسىدا ھۆكۈمەت تەشكىللەش تىرىشچانلىقلىرىدىن ئۆز ۋاقتىدا نەتىجە ھاسىل قىلىنىشى، دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم. بۇ ھالقىلىق باسقۇچتا بارلىق تەرەپلەرنى سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىمىز. ئىراقنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملىق قوللايمىز.»
ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتىكى ھۇجۇملاردا 2 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنى ئاتىنادا ئېچىلدى
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى يىغىنى ئاتىنا (ئافىنا)دا ئۆتكۈزۈلدى.