ئەردوغان: تۈركىيە رايونىدا نىجىس ئويۇنلارنى بۇزۇپ تاشلىيالايدىغان بىر دۆلەتكە ئايلاندى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق رايونىدا ئويۇن ئوينىيالايدىغان ۋە نىجىس ئويۇنلارنى بۇزۇپ تاشلىيالايدىغان بىر دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى.

1762841
ئەردوغان: تۈركىيە رايونىدا نىجىس ئويۇنلارنى بۇزۇپ تاشلىيالايدىغان بىر دۆلەتكە ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىستانبۇلدىكى  كېمىسازلىق زاۋۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «TCG Ufuk » ناملىق سىناق ۋە تەلىم - تەربىيە پاراخوتىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتىمىزنىڭ ھالقىلىق لايىھەلىرى مەسىلىسىدە 2022 – يىلىغا ئارقا – ئارقىدىن مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق قەدەم قويغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن. تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق رايونىدا ئويۇن ئوينىيالايدىغان ۋە نىجىس ئويۇنلارنى بۇزۇپ تاشلىيالايدىغان بىر دۆلەتكە ئايلاندى. بىز قولغا كەلتۈرگەن بۆسۈش خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىز سايىسىدا رايونىدا سۆز ساھىبى بىر دۆلەتكە ئايلاندۇق. نۆۋەتتە نەزىرىمىزنى ئالەم بوشلۇقىغا مەركەزلەشتۈردۇق، جۈملىدىن، ئالەم بوشلۇقى ساھەسىدىمۇ ھەم سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش سىستېمىلىرى ھەمدە سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش پائالىيەتلىرىمىز داۋاملاشماقتا.»

تۈركىيەنىڭ تېگىشلىك شەكىلدە قوغدىلىشىنىڭ ماۋى ۋەتەننىمۇ ئەڭ ياخشى شەكىلدە قوغدىلىشى ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «دېڭىز ئارمىيەمىزنى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزىدىغان نۇرغۇن لايىھەلەرنى يولغا قويدۇق. ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ئاخبارات پاراخوتى ئۇفۇق، مىللىي ئىنژېنېرلىق ئىقتىدارلىرى ئارقىلىق ياسالدى. ئېلىمىز نۆۋەتتە ئۇرۇش پاراخوتىنى مىللىي ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ لايىھىلەپ، ياساپ چىقالايدىغان ۋە قوغدىيالايدىغان دۇنيادىكى 10 چوڭ دۆلەتتىن بىرىگە ئايلاندى. ئېلىمىزنىڭ كېمىسازلىق زاۋۇتلىرىدا، ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجلىرىدىن باشقا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئۈچۈنمۇ پاراخوتلار ۋە كېمىلەر ياسالماقتا. ھازىرغا قەدەر بىز 25 دۆلەتكە 180 دېڭىز ئۈستى سۇپىسىنى ئېكسپورت قىلدۇق.»

ئەردوغان، « TF-2000» ناملىق ھاۋا مۇداپىئەسى قوغلىغۇچى پاراخوتىنىڭ پات ئارىدا خېرىدار چاقىرىش ئارقىلىق بازارغا سېلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «نىشانىمىز، تۈركىيەنى دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتىدە ئۆز – ئۆزىگە خوجا بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشتۇر. دۇنيادىكى ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭلا قول ئىلكىدە بار بولغان بۇ پاراخوتنىڭ ياردىمىدە، دېڭىزلاردىمۇ قۇدرىتىمىزنىڭ زورىيىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. تەشكىلاتىمىزنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق نىشانى،  سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىلىرى ئارقىلىق ئالەم بوشلۇقىدىن تېگىشلىك ئورۇن ئېلىپ، بۇلاردىن ئەڭ ئۈنۈملۈك شەكىلدە پايدىلىنىش بولىدۇ. ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگىنىدەك، ئالدىمىزدىكى مەزگىلدىمۇ، تەشكىلاتىمىزنى ھەر ساھەدە قوللاپ – قۇۋۋەتلەپ، ئېلىمىزنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈش ۋە قۇدرەت تاپقۇزۇش كۈرىشىمىزگە تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر