ئەردوغان Grizu-263A سۈنئىي ھەمراھىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ تۇنجى يانچۇق سۈنئىي ھەمراھى «Grizu-263A» نىڭ ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى.

1762470
ئەردوغان  Grizu-263A سۈنئىي ھەمراھىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، 2019 – يىلىدىكى تېكنوفېست (تېخنولوگىيە فېستىۋالى) مۇسابىقىسى <مودېل سۈنئىي ھەمراھ> ساھەسىدە بىرىنچى بولغان ياشلار ياساپ چىققان < Grizu-263A> كىچىك سۈنئىي ھەمراھىنىڭ تۈنۈگۈن SpaceX تەرىپىدىن ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «تۇنجى قېتىم بۇ تۈردىن ئورۇن ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولغان تۈرك ياشلىرىمىزنى، ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنى، ئۇلارنى قوللىغان ئورگانلىرىمىزنى تەبرىكلەيمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر