تۈركىيەدىن قازاقىستانغا ئايروپىلان قاتنىشى باشلاندى

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىچكى قالايمىقانچىلىقلار سەۋەبىدىن ۋاقىتلىق ئايروپىلان سەپەرلىرىنى توختاتقان قازاقىستانغا، قايتىدىن سەپەرلىرىنى باشلىدى.

1762262
تۈركىيەدىن قازاقىستانغا ئايروپىلان قاتنىشى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىچكى قالايمىقانچىلىقلار سەۋەبىدىن ۋاقىتلىق ئايروپىلان سەپەرلىرىنى توختاتقان قازاقىستانغا، قايتىدىن سەپەرلىرىنى باشلىدى.

مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ پايتەخت نۇرسۇلتانغا قاراپ ئۇچقان ئايروپىلاندا 238 يولۇچى ئولتۇرغان. نۇرسۇلتاندىن ئىستانبۇلغا كەلگەن ئايروپىلاندا بولسا، 169 يولۇچى ئولتۇرغان. ئىستانبۇل-ئالمۇتا سەپىرى بۈگۈن (2022-يىلى 13-يانۋار) باشلىنىدىكەن.

ئانتاليا-ئالمۇتا ئايروپىلان سەپىرىنىڭ 15-يانۋار (2022) باشلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى. ئاكتاۋ سەپىرى بولسا، 14-يانۋار باشلىنىدۇ.

قايتىدىن باشلانغان ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ، قازاقىستان مەسئۇل دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈش نەتىجىسىدە پىلان قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر