خۇلۇسى ئاقار ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زاكىر ھەسەنوۋغا تەزىيە تېلەكلىرىنى يەتكۈزدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زاكىر ھەسەنوۋغا ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوق چىقىرىشى سەۋەبىدىن شېھىت بولغان ئەزەربەيجان ئەسكىرى ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، مىنىستىر ئاقار ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھەسەنوۋ بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەن.
تۈنۈگۈن كەلبەجەر رايونىدا ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوق چىقىرىشى سەۋەبىدىن ئەزەربەيجان ئەسكىرىنىڭ شېھىت بولغانلىقىدىن قاتتىق ئازبلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن مىنىستىر ئاقار، تەزىيە تېلەكلىرىنى يەتكۈزگەن.
خۇلۇسى ئاقار ئەزەربەيجان ئالدىنقى سەپ ئىستىھكاملىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئەرمېنىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق پوزىتسىيەسىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە تۈركىيەنىڭ ھەر دائىم قېرىنداش ئەزەربەيجاننىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى، بۇنۇڭدىن كېينكى ھەققانىي داۋالىرىدىمۇ ھەمىشە ئەزەربەيجانغا ھەمدەم بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
تۈنۈگۈن چۈش ۋاقتىدا، ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە بىر ئەزەربەيجان ئەسكىرى شەھىد بولغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ساھەسى مۇلازىمىتىدە رېكورت يارىتىلدى
ئاپرېل ئېيىدا تۈركىيە مىقياسىدىكى ئايرودۇرۇملاردا 18 مىليونغا يېقىن يولۇچى توشۇلدى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.