قىبرىس ئارىلى تەۋەلىكىدە 6.4 بال يەر تەۋرىدى

ئاقدېڭىزنىڭ قىبرىس ئارىلى تەۋەلىكىدە 6.4 بال يەر تەۋرىدى.

1760379
قىبرىس ئارىلى تەۋەلىكىدە 6.4 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، تۈركىيە ۋاقتى سائەت 4 دىن 7 مىنۇت ئۆتكەندە ئاقدېڭىزدا — قىبرىس ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا دېڭىزدا 6.4 بال يەر تەۋرىگەن.

دېڭىز يۈزىنىڭ 5.06 كىلومىتىر چوڭقۇرلۇقىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزىنىڭ مەرسىننىڭ ئانامۇر ناھىيەسىنىڭ تەخمىنەن 134 كىلومىتىر يىراقلىقىدا ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يەر تەۋرەشنىڭ قىبرىس باشتا بولۇپ ئانتاليا، مەرسىن، خاتاي، ئادانا، ئىسپارتا، بۇردۇر ۋە كونيادا قاتارلىق جايلاردا ھېس قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار، ئاقدېڭىزدىكى يەر تەۋرەشتە ھېچقانداق زىيان بايقالمىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر