ئەردوغان تۇنجى ئىنۆنۈ غەلبىسىنىڭ 101 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تىۋىتتېر ھېسابىدا تۇنجى ئىنۆنۈ غەلبىسىنىڭ 101 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئۇچۇرىدا، «مىللىتىمىزنىڭ غەلبىگە بولغان ئىشەنچىنى قايتىدىن ئۇرغۇتقان تۇنجى ئىنۆنۈ غەلبىسىنىڭ 101 – خاتىرە يىللىقىدا، غازى مۇستاپا كامال قاتارلىق مۇستەقىللىق ئۇرۇشىمىزنىڭ بارلىق قەھرىمانلىرىنى ھۆرمەت بىلەن ۋە ئاللاھتىن رەھىم-شەپقەت تىلەش بىلەن ئەسلەيمەن» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىلدى.
گرېتسىيەلىكلەرنىڭ 6 - يانۋار ئىككى تەرەپتىن تەڭلا باشلانغان ھۇجۇملىرى تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن چېكىندۈرۈلگەن ئىدى. ئىسمەت پاشانىڭ قوماندانلىقىدىكى تۈركىيە ئارمىيىسى 3 كۈن داۋاملاشقان ئۇرۇشتا گىرېتسىيە ئارمىيەسىنى مەغلۇب قىلغان ئىدى.
10-يانۋاردا ئاخىرلاشقان 1-ئىنۆنۈ ئۇرۇشى، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ غەلبىسى بىلەن نەتىجىلەنگەن بولۇپ، گىرېتسىيە ئارمىيەسى شىمالدا، ö ئىنۆنۈ ۋە جەنۇبتا ئافيون لىنىيەسى قاتارلىق ھەر ئىككى تەرەپتىن تەڭلا چېكىنگەن ئىدى.