تۈركىيە ئامېرىكاغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئامېرىكانىڭ نيۇيورك شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

1759884
تۈركىيە ئامېرىكاغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «ئامېرىكانىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى بىر بىنادا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە نۇرغۇن كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە يارىلانغانلىقىدىن ئازابلىنىش ئىچىدە خەۋەر تاپتۇق. ئامېرىكا خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا بالدۇرراق شىپالىق تىلەيمىز» دېيىلدى.

ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى بىر تۇرالغۇدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 9 كىچىك بالىنى قوشقاندا، جەمئىي 19 كىشى قازا قىلغان ئىدى. دوختۇرخانىغا بالنېستقا ئېلىنغان 13 كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر