مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ قاتاردىكى مەنسەپدىشى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇراخمان ئەل سانى بىلەن كۆرۈشتى.
1759866
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ تۈنۈگۈن قاتار مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەل سانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
سۆھبەتتە ئافغانىستان ۋە قازاقىستاندىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىندى.