خۇلۇسى ئاقار ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زاكىر ھەسەنوۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1760131
خۇلۇسى ئاقار ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھەسەنوۋنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ تېرورچىلىرى تەرىپىدىن ئالدىنقى كۈنى ئاكچاقەلئە چېگراسىغا كۆمۈلگەن (يەرلىك ئۇسۇلدا ياسىۋېلىنغان) پارتىلاتقۇچنىڭ پارتىلىشى سەۋەبىدىن شېھىت بولغان 3 ئەسكەرگە تەزىيە بىلدۈرۈپ، خۇلۇسى ئاقاردىن ھال سورىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، سۆھبەتتە يەنە ھەربىي تەلىم - تەربىيە ھەمكارلىقى پائالىيىتى توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر