تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 141 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد-19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 141 كىشىىگە يەتتى

1759475
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 141 كىشى قازا قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە  418 مىڭ 264 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 66 مىڭ 237 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.

بىر كۈن ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 34 مىڭ 592 كىشىگە يەتتى.

تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە  ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 135 مىليون 997 مىڭ 933 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر