ئاشقۇن يەھۇدىيلار ئانادولۇ ئاگېنتلىقى ئوپېراتورىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇردى

ئوڭچىل يەھۇدىيلار ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى تېل ئاۋىۋدا پەلەستىنلىك مەھبۇس ھىشام ئەبۇ ھەۋاش يېتىۋاتقان دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدا خەۋەر ئىشلەش ئۈچۈن ساقلاۋاتقان ئانادولۇ ئاگېنتلىقى ئوپېراتورى فايىز ئەبۇ رۇمەيلەنى ئۇردى.

1757860
ئاشقۇن يەھۇدىيلار ئانادولۇ ئاگېنتلىقى ئوپېراتورىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېل ئاۋىۋدىكى ئەسساف خاروفەھ دوختۇرخانىسىنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇۋاتقان ئەبۇ رۇمەيلە بىلەن شۇ جايدىكى ئوڭچىل يەھۇدىيلار ئوتتۇرىسىدا تالاش- تارتىش چىقتى؛ ئاشقۇن ئوڭ قانات يەھۇدىيلار، ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ ئوپېراتورى ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئەبۇ رۇمەيلەگە تىل – ھاقارەتلەرنى ياغدۇردى ۋە ئۇنى قاتتىق ئۇردى.

رايوندىكى ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى ۋەقەگە ئارىلىشىپ، كەم دېگەندە ئىككى ئوڭچى يەھۇدىينى نازارەت ئاستىغا ئالدى.

ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان ئەبۇ رۇمەيلە، ئالدىن ياردەم قىلىش خادىملىرىنىڭ مۇداخىلىسىدىن كېيىن بالنىستقا ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر