ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش سۈپىتىدە، قازاقىستان ۋەزىيىتى توغرىسىدا تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفوندا ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.

1758474
ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش سۈپىتىدە، قازاقىستان ۋەزىيىتى توغرىسىدا تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفوندا ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قازاقىستان پىرېزىدېنتى جۆمەرت توقايېۋ، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ ۋە ئۆزبېكستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزايېۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، قازاقىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايېۋ بىلەن كۆرۈشكەندە، دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت قازاقىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، ۋەقەلەردە جېنىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلىدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ قازاقىستان بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭمۇ ئېلان قىلغان باياناتىدا قازاقىستاننى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ قازاقىستاندا يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ بالدۇرراق قۇرۇلۇشىنى ۋە يىرىكچىلىكلەرنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قازاقىستان خەلقىنىڭ ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە دىيالوگ رامكىسىدا مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ زۆرۈر تېپىلغاندا، تۈركىيەنىڭ ھەر تۈرلۈك تېخنىكىلىق مەلۇمات ۋە تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇ ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ ۋە ئۆزبېكستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزايېۋ بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ قازاقىستاننىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ قوشنا دۆلەتلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل رايون ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، قېرىنداش دۆلەت قازاقىستاننىڭ دىيالوگ ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر