تۈركىيە – ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا تۇنجى سۆھبەت موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدۇ
تۈركىيە – ئەرمېنىيە ئالاھىدە ۋەكىللىرىنىڭ تۇنجى سۆھبىتى 14 –يانۋار كۈنى رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
1757829
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «تۈركىيە بىلەن ئەرمېنىيە ئالاھىدە ۋەكىللىرىنىڭ تۇنجى سۆھبىتى، 2022 – يىلى 14 – يانۋار كۈنى رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدۇ.»
تۈركىيەنىڭ سابىق ۋاشىنگتون باش ئەلچىسى سەردار قىلىچ، 15 – دېكابىر كۈنى، ئەرمېنىيە ئالاھىدە ۋەكىلى سۈپىتىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنىدى.
ئەرمېنىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى رۇبېن رۇبىنيان، ئەرمېنىيە – تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگ باسقۇچى دائىرىسىدە ئەرمېنىيەنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ۋەكىلى سۈپىتىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنىدى.