ئەردوغان: ئېكسپورتتىكى ئېشىش توغرا يولدا ئىكەنلىكىمىزنىڭ نامايەندىسى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ 2021 – يىلقى ئېكسپورت سوممىسىنىڭ 225 مىليارد دوللاردىن ئاشقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۆزلىرىنىڭ توغرا يولدا ئىكەنلىكىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1756992
ئەردوغان: ئېكسپورتتىكى ئېشىش توغرا يولدا ئىكەنلىكىمىزنىڭ نامايەندىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەھبىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پارتىيەسىنىڭ باش مەركىزىدە چاقىرىلغان «كېڭەيتىلگەن ۋىلايەت مەسئۇللىرى يىغىنى» دا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ 2021 – يىللىق ئېكسپورتىدا رېكورت بۇزۇپ تاشلانغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «2021 – يىلىنى ئېكسپورت سوممىسى جەھەتتىن 225 مىليارد دوللاردىن ئاشۇرغان ھالدا تامامىشىمىز، بىزنىڭ توغرا يولدا ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىمىزنىڭ نامايەندىسىدۇر.»

تۈركىيەنىڭ بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن بارلىق مەزلۇملار ۋە ناھەقچىلىكلەرگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئۆز ئىرادىلىرى ۋە غەيرەتلىرى بىلەن ھەق – ھوقۇقلىرى ھەم ئەركىنلىكلىرىگە ئەڭ ئىلغار ئۆلچەملەردە يېتەلەيدىغانلىقىنى، تەرەققىيات مەنزىلگاھلىرىغا يېتىپ بارالايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، نۆۋەتتە تېخىمۇ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە بىز تۈركىيەنى دۇنيادىكى 10 چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن قەدەم تاشلاۋاتىمىز.»

ئۆزلىرى ئېلان قىلغان يېڭى ئىقتىساد پىروگراممىسىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغانلىقلىرىنى ئېيتقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تۆۋەن ئىش ھەققىدىن مەمۇرلار ۋە پىنسىيە مائاشىغىچە بولغان ھەر بىر مەسىلىدە مۇشۇ ئاڭغا ئاساسلاندۇق، خۇدايىم بۇيرۇسا، ئەڭ قىيىن ئۆتكەلدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتۈپ كەتتۇق، ئەمدى، تىرىشچانلىقلىرىمىز، مېھنەتلىرىمىزنىڭ مېۋىلىرىنى ئېلىش، نىشانلىرىمىزغا قەدەممۇقەدەم يېقىنلىشىشنى كۆرسىتىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر