چاتاكلى: 1140 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

بۇلتۇر 84 نەپىرى ئاتالمىش يۇقىرى دەرىجىلىكلىرى بولۇپ جەمئىي 1140 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1756860
چاتاكلى: 1140 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئىسمائىل چاتاكلى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 2021 – يىلىنىڭ بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا نسىبەتەن ئازابلىق بىر يىل بولغانلىقىنى، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ يىل  2021 – يىلىنى سېغىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

چاتاكلى تېررورچىلارغا خىتاب قىلىپ: «ئەمدى ئەرزىمەس خىياللارنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈشنى تاشلاڭلار. يىللاردىن بۇيان بۇ تەشكىلاتلاردا نۇرغۇن جانلار نابۇت بولدى، ھازىرقى ئەھۋال ئوتتۇرىدا تۇرۇپتۇ. پ ك ك 40 يىلدىن بۇيان قوراللىق ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. ھازىر ئۇلارنىڭ تاغلاردىكى سانى 156 گە قىسقاردى. ئۇلارمۇ كاتەكلىرىدىن بېشىنى چىقىرالمايۋاتىدۇ» دېدى.

ئۆتكەن يىلى ئېلىپ بېرىلغان 143 مىڭ 321 قېتىملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە 1140 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن چاتاكلى، بۇلارنىڭ 84 ىنىڭ ئاتالمىش يۇقىرى دەرىجىلىك تېررورچى، 11 ىنىڭ قىزىل، ئىككىسىنىڭ كۆك، بەشىنىڭ يېشىل، 24 ىنىڭ سېرىق، 35 ىنىڭ كۈلرەڭ تىزىملىكتىكى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ، 2021 – يىلى ئىشلەنگەن قايىل قىلىش خىزمەتلىرى سايىسىدا 200 تېررورچىنىڭ تاغلاردىن قايتىپ خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغانلىقىنى، تۈركىيە ئىچىدىكى تېررورچىلار سانىنىڭ 156 گە قىسقارغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر