تۇركوۋاك ئەملىنىشكە باشلاندى

جىددىي ئىشلىتىلىشى تەستىقلانغان «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى يەرلىك ۋاكسىنا تۇركوۋاك تۈركىيە مىقياسىدىكى شەھەر دوختۇرخانىلىرىدا ئەملىنىشكە باشلاندى.

1754648
تۇركوۋاك ئەملىنىشكە باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىشكە باشلانغان  تۇركوۋاك ۋاكسىنىسى، ئەنقەرە شەھەر دوختۇرخانىسىنىڭ باش دوختۇرخانا بۆلۈمىدىمۇ ئەملەنمەكتە.

ئەتىگەن تەرەپلەردىن ئېتىبارەن كۆپ ساندىكى پۇقرالار تۇركوۋاك ۋاكسىنىسى ئەملىتىش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇرغان دوختۇرخانىنىڭ 10 ۋاكسىنا ئەملەش ھۇجرىسىدا تۇركوۋاك ئەملەش خىزمىتى داۋاملاشماقتا، ئېھتىياج تۇغۇلغان تەقدىردە، ۋاكسىنا ئەملەش ھۇجرىلىرى سانىنىڭ كۆپەيتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

تۇركوۋاك ۋاكسىنىسى ئەملەنگەن گازى كوچ،  ئۆزىنىڭ ئىككى شېشە بىيونتېك ۋاكسىنىسى ئەملەتكەنلىكىنى،  خاتىرىلىتىش قۇتىسى ئۈچۈن بولسا تۇركوۋاك ۋاكسىنىسى ئەملىتىشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈنۈگۈن سەھىيە مىنىستىرىمىز فاھرەتتىن كوجامۇ تۇركوۋاك ۋاكسىنىسى ئەملەتكۈزدى، مەنمۇ تۈرك ئالىملىرىمىزغا ئىشىنىپ، يەرلىك ۋاكسىنا ئەملەتكۈزۈش يولىنى تاللىدىم.»

ئىلگىرى 3 شېشە سىنوۋاك ۋاكسىنىسى ئەملەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتقان فاتىھ توپالئوغلۇ، مۇنداق دېدى: «خاتىرىلىتىش قۇتىسى سۈپىتىدە يەرلىك ۋاكسىنىمىز تۇركوۋاكنى كۈتتۈم ۋە بۇ ۋاكسىنىنى ئەملەتكۈزدۈم، ھەممە كىشىگە بۇ ۋاكسىنىنى ئەملەتكۈزۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.»

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا، تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۇركوۋاك ۋاكسىنىسىنىڭ بۈگۈندىن ئېتىبارەن شەھەر دوختۇرخانىلىرىدا ئەملىنىشكە باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر