تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 184 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد-19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 184 كىشىىگە يەتتى

1753986
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 184 كىشى قازا قىلدى

 

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە  368 مىڭ 842 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 32 مىڭ 176 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.

بىر كۈن ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 23 مىڭ 104 كىشىگە يەتتى.

تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە  ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 129 مىليون 972 مىڭ 508 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر