تۈركىيە ئىراق ۋە سۈرىيەدە تېررورچىلارغا زەربە بەردى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ك ج ك ئەزاسى توققۇز تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1754321
تۈركىيە ئىراق ۋە سۈرىيەدە تېررورچىلارغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى — MIT بىلەن تۈركىيە ئارمىيەسى گارادا بىرلەشمە زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، پ ك ك / ك ج ك ئەزاسى توققۇز تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «فىرات قالىقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا زەمبىرەك ۋە كۆپ سىتۋوللۇق راكىتاميوتلارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغان بۆلگۈنچى تېررورچىلارغا كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىلدى. دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، ھۇجۇمنى سادىر قىلغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى 8 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى ۋە ئىشلەتكەن ۋاسىتىلىرى يوقىتىپ تاشلاندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر