تۈركىيە سۇدانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئالتۇن كېنى گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە تېلېگراممىسى تارقاتتى.

1754240
تۈركىيە سۇدانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ، سۇداننىڭ غەربىي دارفۇر ئۆلكىسىدىكى بىر ئالتۇن كېنىدا تۈنۈگۈن يۈز بېرىپ، 38 كان ئىشىچىسىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قازادىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياتىدا: «قازادا جېنىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن مەغپىرەت، يېقىن – يورۇقلىرىغا سەۋر تىلەيمىز، دوست ۋە قېرىنداش سۇدان خەلقىگە سەمىمىي تەزىيەلىرىمىزنى بىلدۈرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

سۇدان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، دارفۇر ئۆلكىسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان فوجا رايونىدىكى ئەنئەنىۋى كانچىلىق ئۇسۇلى بويىچە ئېىچلغان ئۇمم درىسائى ئالتۇن كېنى بېسىۋېلىپ، 38 كان ئىشچىسى قازا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر