سۈرىيەدە تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات قالىقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا زەمبىرەك ۋە كۆپ سىتۋوللۇق راكىتاميوتلارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى سەككىز تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1754140
سۈرىيەدە تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «رات قالىقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا زەمبىرەك ۋە كۆپ سىتۋوللۇق راكىتاميوتلارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغان بۆلگۈنچى تېررورچىلارغا كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىلدى. دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، ھۇجۇمنى سادىر قىلغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى 8 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى ۋە ئىشلەتكەن ۋاسىتىلىرى يوقىتىپ تاشلاندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر