ئاقار سارايىۋودا ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئۇچراشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار  بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنانىڭ پايتەختى سارايىۋودا ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

1753549
ئاقار سارايىۋودا ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئۇچراشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقار، بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنادا مۇقىملىق، سىياسىي بىرلىك ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ پەقەت رايون ئۈچۈنلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيا  ئۈچۈنمۇ مۇھىملىقىنى، جۈملىدىن، بۇنىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «1992 – 1995 – يىللىرى بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنالىقلار، سېربىيەلىكلەر ۋە كىرودىيەلىكلەر ئارىسىدا 100 مىڭ كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىچكى ئۇرۇشقا خاتىمە بەرگەن دايتون تىنچلىق شەرتنامىسى تولۇق ئىجرا قىلىنماقتا، شۇ ۋەجىدىن، بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنادىكى مەۋجۇت سىياسىي كىرىزىسكە دەرھال خاتىمە بېرىلىشى كېرەك.»

مىنىستىر ئاقار، تەرەپلەر تەلەپ قىلغان تەقدىردە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ ھەمىشە تەكىتلەپ كېلىۋاتقانقىنىدەك، تۈركىيەنىڭ ھەردائىم مۇرەسسەچىلىك قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بالقان رايونى ۋە بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنانىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنىڭ مۇھىملىقىنى، تۈركىيەنىڭ، بوسنىيە-گىرتىسگوۋېناغا ئوخشىغان دوست دۆلەتلەردىكى ھۇزۇر، پاراۋانلىق ۋە بىخەتەرلىك ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر