تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 157 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد-19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 157 كىشىىگە يەتتى.

1753387
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 157 كىشى قازا قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە  362 مىڭ 535 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 26 مىڭ 99 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.

بىر كۈن ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 22 مىڭ 22 كىشىگە يەتتى.

تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە  ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 129 مىليون 362 مىڭ 209 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر