ئەردوغان يۈك – تاقلارنى كونترول قىلىش ئۈسكۈنىسىنى كۆزدىن كەچۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گازىئانتەپ ئايرودۇرۇمىدا ھەربىي ئېلېكترون سانائىتى گۇرۇھى (ASELSAN) ئىشلەپچىقارغان ARIN X نۇرى يۈك-تاقلارنى كونترول قىلىش ئۈسكۈنىسىنى كۆزدىن كەچۈردى.

1752851
ئەردوغان يۈك – تاقلارنى كونترول قىلىش ئۈسكۈنىسىنى كۆزدىن كەچۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، گازىئانتەپ ئايرودۇرۇمىدا، ھەربىي ئېلېكترون سانائىتى گۇرۇھى (ASELSAN) يەرلىك ۋە مىللىي ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقارغان X نۇرى يۈك-تاقلارنى كونترول قىلىش ئۈسكۈنىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەن، ھەمدە ئۈسكۈنە ھەققىدە ئالاقىدار تارماقلاردىن ئۇچۇر ئىگىلىگەن، ئاندىن شۇ كۈننىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن ئايرىلغان بېلەت بىلەن ئايروپىلانغا ئولتۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر