ئەردوغان ئىسلام مەدەنىيەتىنىڭ غايىسى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاتاتۈرك مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 8 - نۆۋەتلىك نەجىپ فازىل مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

1752961
ئەردوغان ئىسلام مەدەنىيەتىنىڭ غايىسى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «تۈركىيەنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتتە ۋە ئىقتىسادتا <دۇنيا بەشتىن چوڭ> شوئارى بىلەن ئېلىپ بارغان كۈرىشى ئېكىسپالاتاتسىيە ۋە زۇلۇم ئۈستىگە قۇرۇلغان دۇنيا تەرتىپنىڭ ئۆزگىرىشى ئۈچۈندۇر» دېدى.

ئەردوغان ئۆزگىرىشنىڭ ھاياتنىڭ ھەقىقىتى ئىكەنلىكىنى، بىراق ئۆزگىرىش بىلەن چىرىكلىىشىش ئوتتۇرىسىدا كەسكىن بىر پەرق بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «ئىنسانىيەت يېقىنقى ئىككى ئەسىردە قەدىمىي قىممەت قاراشلىرى بۇزۇلغان زور بىر ئۆزگىرىشنى، يەنە بىر جەھەتتىن چېكىنىشنى باشتىن كەچۈردى. زامانىۋىلىشىش بىلەن بىرگە ئىنساننىڭ ئۆز تەبىئىتىگە، ئەتراپىغا ۋە ھاياتىنى ئورتاقلاشقان باشقا جانلىقلارغا بولغان كۆز قارىشىمۇ ئۆزگەردى» دېدى.

ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى:

«تۈركىيەنىڭ ھەم خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى، ھەم ئىقتىسادتىكى كۈرىشى، <دۇنيا بەشتىن چوڭ> شوئارى بىلەن ئېكىسپالاتاتسىيە ۋە زۇلۇم ئۈستىگە قۇرۇلغان دۇنيا تەرتىپنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈندۇر. مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ شەرەپلىكى بولغان ئىنسانلارنى قىممەتسىزلەشتۈرىدىغان ھەر تۈرلۈك پوزىتسىيەلەرنى رەت قىلىمىز. ئىسلام مەدەنىيەتىنىڭ دەۋر ھالقىغۇچ تەلىماتلىرى بىلەن زامانىۋىي ئىنسانلار پاتقان بۇھرانلارغا نىجاتلىق رىتسىپى سۇنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. بىلىم-  ھېكمەت، ئەخلاق ۋە ئادالەتنىڭ ئاساسى ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىسلام مەدەنىيىتى، دۇنيانى گۈزەللەشتۈرۈشنى ۋە بارلىق جانلىقلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياشىغىلى بولىدىغان ھالغا كەلتۈرۈشنى ئۆزىگە غايە قىلىدۇ»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر