تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 173 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 173 كىشىىگە يەتتى.

1752833
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 173 كىشى قازا قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 351 مىڭ 965 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 20 مىڭ 138 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.

يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 21 مىڭ 214 كىشىگە يەتتى.

تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە  ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 128 مىليون 669 مىڭ 139 غا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر