تۈركىيە بۇركىنا فاسوغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە بۇركىنا فاسودا ئارمىيەگە قاراشلىق 41 ھەربىي پىدائىي ۋە پۇقرانىڭ قازا قىلىشىغا سەۋەب بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

1752885
تۈركىيە بۇركىنا فاسوغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇركىنا فاسونىڭ لورۇم ئۆلكىسىگە قاراشلىق يو رايونىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىغا تەزىيە بىلدۈردى.

تەزىيەنامىدا، «بۇركىنا فاسو ئارمىيىسىگە قاراشلىق 41 پىدائىي ۋە پۇقرانىڭ ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تاپتۇق، بۇ قەبىھ تېرورلۇق ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىنلىرىغا شۇنداقلا دوست ۋە قېرىنداش بۇركىنا فاسو خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە تېلەكلىرىمىزنى يوللايمىز» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر