ئەردوغان: فىزىكىلىق ئۇزاقلىققا قارىماستىن، قىيىن كۈنلەردە ھىندونېزىيە خەلقىنىڭ يېنىدا بولدۇق

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فىزىكىلىق ئۇزاقلىققا قارىماستىن، قىيىن كۈنلەردە ھىندونېزىيە خەلقىنى ھەرگىز يالغۇز تاشلاپ قويمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1752671
ئەردوغان: فىزىكىلىق ئۇزاقلىققا قارىماستىن، قىيىن كۈنلەردە ھىندونېزىيە خەلقىنىڭ يېنىدا بولدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 2004-يىلى ھىندونېزىيەنىڭ ئاچې رايونىدا يۈز بەرگەن دېڭىز تاشقىنىنىڭ 17 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «يەرشارى ئاچې دىئاسپوراسى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەتكە سىنلىق ئۇچۇر يوللىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سىنلىق ئۇچۇرىدا يىراقتىن بولسىمۇ بۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەتكە قاتناشقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئەردوغان 2004-يىلدىكى چوڭ ئاپەتتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت ۋە باشقىلارغا  سەۋر - تاقەت تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىز ھىندونېزىيەلىك قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز، ھىندونېزىيە خەلقىنىڭ ئازابىنى ئازابىمىز، خۇشاللىقىنى خۇشاللىقىمىز دەپ قارايمىز» دېدى.

ئەردوغان ئوتتۇرىدىكى فىزىكىلىق مۇساپە ئۇزۇنلۇقىغا قارىماستىن، قىيىن كۈنلەردە ھىندونېزىيە خەلقىنى ھەرگىز يالغۇز تاشلاپ قويمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئېھتىياجلىق بولغان ھەر قانداق چاغدا قولىمىزدىكى ئىمكانىيەتلىرىمىزنى ھىندونېزىيە ئۈچۈن سەپەرۋەر قىلدۇق» دېدى.

ئاپەتتىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ھىندونېزىيەگە بەرگەن تەرەققىيات ياردىمىنىڭ 75 مىليون دوللاردىن ئاشقانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر