تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 145 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد-19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 145 كىشىىگە يەتتى

1752623
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 145 كىشى قازا قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە  357 مىڭ 536 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 20 مىڭ 470 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.

بىر كۈن ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 22 مىڭ 109 كىشىگە يەتتى.

تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە  ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 128 مىليون 349 مىڭ 256 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر