ئەردوغان: تۈركىيە 21 - ئەسىرنىڭ چاقنىغان يۇلتۇزىدۇر

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «21 – ئەسىرنىڭ چاقنىغان يۇلتۇزى تۈركىيەدۇر. بۇ مىللەتنىڭ يۈكسىلىشىنى، ئۆرلىشىنى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ» دېدى.

1752538
ئەردوغان: تۈركىيە 21 - ئەسىرنىڭ چاقنىغان يۇلتۇزىدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس، قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باشلىقى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پارتىيەسىنىڭ غازىئانتەپ ۋىلايەتلىك مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىدا سۆز قىلدى.

دۇنيادا سېلىنمىلار توختاپ قېلىش نۇقتىسىغا كېلىپ قالغان بىر پەيتتە تۈركىيەنىڭ مەبلەغ جەلپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان، 21 – ئەسىرنىڭ چاقنىغان يۇلتۇزىنىڭ تۈركىيە بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كوۋىد – 19 يۇقۇمى مۇساپىسى توغرىسىدىمۇ توختىلىپ: «كۈچلۈك سەھىيە ئۇل ئەسلىھەمىز تەمىنلىگەن ئىمكانىيەتلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۆزگىچە، شۇنداقلا ئىلاستىكىلىق بىر مودېلغا تايىنىپ يۇقۇم مۇساپىسىنى غەلىبىلىك ئىدارە قىلدۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر