تۈركىيەنىڭ ئايرودۇرۇم سانى 61 گە كۆپىيىدۇ

تۈركىيەدىكى ئايرودۇرۇملارنىڭ سانى كېلەر يىلى 56 دىن 61 گە كۆپىيىدۇ.

1752445
تۈركىيەنىڭ ئايرودۇرۇم سانى 61 گە كۆپىيىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئادىل قارائىسمائىلئوغلۇ: «ھازىر 56 ئايرودۇرۇم ناھايىتى ئالدىراش خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، كېلەر يىلى بۇلارغا يەنە 5 ئايرودۇرۇمنى قوشۇپ، ئومۇمىي سانىنى 61 كە يەتكۈزىمىز». دېدى.

ئىستانبۇلدا بايانات بەرگەن مىنىستىر ئادىل قارائىسمائىلئوغلۇ، ھاۋا يولىنىڭ خەلقنىڭ يولى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بىز يەنە تۆمۈر يوللارنىڭ ھەممىسىنى قايتىدىن ياساپ چىقتۇق، دۆلىتىمىز يېقىندا يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزلارنىڭ راھىتى بىلەن ئۇچراشتى. نۆۋەتتە قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان 4000 كىلومېتىرلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز تۈرى بار. بۇ تېز پويىزلار ھەم يۈك ھەمدە يولۇچىلارنى توشۇيدۇ» دېدى.

ئۇ ئايرودۇرۇمغا مەبلەغ سېلىش مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، 2022 - يىلى تۈركىيەدىكى ئايرودۇرۇملار سانىنىڭ 61 گە يېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر