فاتىھ بۇرغىلاش پاراخوتى تۈركالى -7 دە بۇرغىلاشنى باشلىدى
تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىق مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز، فاتىھ بۇرغىلاش پاراخوتىنىڭ تۈركالى - 7 قۇدۇقىدا بۇرغىلاشنى باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
1752395
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆنمەز ئۆزىنىڭ تۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ: «قەدەممۇقەدەم نىشانغا يېقىنلىشىۋاتىمىز. فاتىھ بۇرغىلاش پاراخوتىمىز <تۈركئالى – 7> دە بۇرغىلاشنى باشلىدى. ھەر بىر يېڭى بۇرغىلاش، بىزنى 2023 – يىلىغا بارغاندا ئانادولۇنى قارادېڭىز گازى بىلەن ئىسسىتىش نىشانىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.