ئەردوغان ئەلىيېۋنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ 60 – تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.
1752339
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋگە تېلېفون قىلىپ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىلىكىگەنلىكىنى ۋە خىزمىتىگە ئۇتۇق، تېنىگە سالامەتلىك تىلىگەنلىكىنى؛ پىرېزىدېنت ئەلىيېۋنىڭ ئەردوغانغا مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىق ساھەلەر بويىچە ئۇتۇقلۇق تەرەققىي قىلغانلىقى تەكىتلىگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، مۇناسىۋەتلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ گۈللىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلدى.
ئەردوغان بىلەن ئەلىيېۋ تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاقىدار بىر قىسىم مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراق ۋە سۈرىيەدە 75 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلمەكتە.