تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 179 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 179 كىشىىگە يەتتى.

1751384
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 179 كىشى قازا قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 352 مىڭ 438 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 19 مىڭ 95 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.

بىر كۈن ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 22 مىڭ 816 كىشىگە يەتتى.

تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 126 مىليون 565 مىڭ 703 كە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر