تۈركىيە ماداغاسقارغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ماداغاسقاردا ئەڭ ئاز دېگەندە 83 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان پاراخوت ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن، تەزىيە تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى.

1751362
تۈركىيە ماداغاسقارغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ماداغاسقارغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ماداغاسقارنىڭ شەرقىي شىمال دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر پاراخوتنىڭ دېڭىزغا چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە، ئەڭ ئاز دېگەندە، 83 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇغا چۆمۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا: «جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن-يورۇقلىرىغا، دوست ماداغاسقار خەلقىگە ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېيىلدى.

ماداغاسقار دېڭىزچىلىق ۋە دەريا پورتلىرى ئاگېنتلىقىنىڭ مەسئۇلى مامي رانجياناۋونى (Mamy Randrianavony) 20-دېكابىر (2021) يولۇچى توشۇش رۇخسىتى بولمىغان بىر يۈك پاراخوتىنىڭ نۇرغۇن يولۇچىلارنى توشۇشى سەۋەبىدىن كۆمتۈرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

ئۇ يەنە، دېڭىزغا چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتتىكى 64 يولۇچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 50 ئادەمنىڭ قۇتقۇزۇلغانلىقىنى ۋە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن بەش ئادەمنى ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر