ئۈستىدىن قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان بىر تېررورچى تەسلىم بولدى

قايىل قىلىش خىزمەتلىرى سايىسىدا ئۈستىدىن قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.

1750821
ئۈستىدىن قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان بىر تېررورچى تەسلىم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، جامائەت خەۋپسىزلىك باش ئىدارىسى بىلەن ژاندارما باش قوماندانلىقى ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان، مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى يېقىندىن ياردەملەشكەن قايىل قىلىش خىزمەتلىرى سايىسىدا پ ك ك / ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قاچقان يەنە بىر تېررورچىنىڭ خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مەزكۇر تېررورچىنىڭ 2014 – يىلى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىپ تۈركىيە ۋە ئىراقتىكى پائالىيەتلىرىگە ئىشىتراك قىلغانلىقى، ئۈستىدىن خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى — ئىنتېرپول تەرىپىدىن قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقى ئېنىقلاندى.

بۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان قايىل قىلىش خىزمەتلىرى سايىسىدا تەسلىم بولغان تېررورچىلار ئومۇمىي سانى 197 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر