سويلۇ: ئانگېلىنا جولىنىڭ فوتو - سۈرەتلىرى بىلەن كۆچمەنلەر مەسىلىسى ھەل بولمايدۇ

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ كۆچمەنلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى تەنقىدلەپ: «ئۇلار ئانگېلىنا جۇلىنىڭ فوتو – سۈرەتلىرى ئارقىلىق دۇنيادىكى كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇندى..» دېدى.

1751222
سويلۇ: ئانگېلىنا جولىنىڭ فوتو - سۈرەتلىرى بىلەن كۆچمەنلەر مەسىلىسى ھەل بولمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر سۈلەيمان سويلۇ ئەنقەرەنىڭ گۆلباشى ناھىيەسىدە بايانات بېرىپ، دۇنيانىڭ كوۋىد-19 يۇقۇمى، كۆچمەنلىك، ئېنېرگىيە ۋە ئىقتىسادىي كىرىزىسلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ۋە بۇلارنىڭ يەرشارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا دۇنيانىڭ يەر شارىۋى چارە – تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويالمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن سويلۇ، كۆچمەنلەر مەسىلىسىنىڭ 21 – ئەسىرنىڭ بېشىدىن تارتىپلا ئافغانىستاندا پەيدا بولغان مەسىلىنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا ۋەيران قىلغۇچ تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقى روشەن تۇرسىمۇ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەسىلىنى ئۆز ئورنىدا تۇرغۇزۇپ ھەل قىلىش قەدەملىرىنى تاشلىمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

باشقا دۆلەتلەرنىڭ كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى تۈركىيە-گىرېتسىيە، تۈركىيە-سۈرىيە، تۈركىيە-ئىران چېگراسىغا قاپساپ قويۇشقا، مەسىلىنى بىر چېگرا مەسىلىسىدەك كىچىك قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى تەكىتلەپ: «(باشقا دۆلەتلەرنىڭ كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى) بىزدىن يىراق تۇرسۇن-دە، قانداق تۇرسا تۇرسۇن، دېگەن چۈشەنچە بىلەن ھەل قىلىشقا تىرىشتى. ئۇلار ئانگېلىنا جۇلىنىڭ فوتو – سۈرەتلىرى ئارقىلىق دۇنيادىكى كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇندى. بىز بۇنى يىللاردىن بۇيان دەپ كېلىۋاتىمىز، يەنە بىر قېتىم دەپ ئۆتەيلى، كۆچمەنلەر مەسىلىسى دۇنيادا تېخى ئەمدى باشلاندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مىنىستىر سويلۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىنىڭ رايون ۋە خەلقئارالىق كۈچلۈك مۇناسىۋەتلەر مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر