شەنتوپ سېربىيە زىيارىتىنى باشلىدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ شىمالىي ماكېدونىيە، سېربىيە ۋە قاراتاغنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەسمىي خىزمەت زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى قىسمى ئۈچۈن، ھەمراھلىقىدىكى پارلامېنت ھەيئىتى بىلەن سېربىيە پايتەختى بېلگرادقا يېتىپ باردى.

1750965
شەنتوپ سېربىيە زىيارىتىنى باشلىدى
şentop2.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت خىزمەت زىيارىتى ئۈچۈن سېربىيە پايتەختى بېلگرادقا يېتىپ باردى.

 تۈركىيەنىڭ بېلگرادتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھامى ئاكسوي ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللار بېلگراد نىكولا تېسلا ئايرودۇرۇمى  (Belgrad Nikola Tesla) دا مۇستافا شەنتوپ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنى كۈتۈۋالدى.

مۇستافا شەنتوپ سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندار ۋۇجىچ ۋە باش مىنىستىر ئانا بۇرنابىچ بىلەن كۆرۈشىدۇ.

ئۇ سېربىيە مىللىي پارلامېنتىنى زىيارەت قىلىپ، مەنسەپدېشى ئىۋىجا داجىچ بىلەن كۆرۈشىدۇ ۋە ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.

  ئۇ تۈنۈگۈن (2021-يىلى 21-دېكابىر) شىمالىي ماكېدونىيەدە تۈركچە مائارىپ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە قاتناشقان ئىدى.

ئۇ قىلغان سۆزىدە، شىمالىي ماكېدونىيەدە ياشايدىغان تۈركلەرنىڭ رەسمىي بايرىمى بولغان «21-دېكابىر تۈركچە مائارىپ بايرىمى» ۋەسىلىسى بىلەن، بۇ يەردە بولغانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «شىمالىي ماكېدونىيەدە تۈرك تىلى مەۋجۇتلۇقىنىڭ، بۇ جۇغراپىيەدىكى قېرىنداشلىقنىڭ كۈچىيىشى، ماكېدونىيەنىڭ مەدەنىيەت بايلىقى ۋە سىياسىي كۈچىنىڭ يۈكسېلىشى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر