رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيەنىڭ يېڭى باش مىنىستىرىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز (Olaf Scholz) بىلەن كۆرۈشۈپ، يېڭى مەزگىلدىمۇ ئورتاق تونۇش ۋە ئىستراتېگىيەلىك قاراشنىڭ داۋاملىق ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1750872
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيەنىڭ يېڭى باش مىنىستىرىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن (2021-يىلى 21-دېكابىر) گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، كۆرۈشۈشتە، تۈركىيە-گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان قەدەملەر ۋە رايون مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولزنى ۋەزىپىسىنى باشلىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىدى.

ئۇ يېڭى مەزگىلدىمۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە ئورتاق تونۇش ۋە ئىستراتېگيەلىك قاراشنىڭ داۋاملىق ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، قويۇق ماسلىشىش ۋە دائىملىق ئالاقىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ، ئەزا بولۇش نۇقتىئىينەزىرىنى ئاساس قىلغان ئىجابىي كۈنتەرتىپ رامكىسىدا ئىلگىرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى ستېفېن ھېبشتغايت (Steffen Hebestreit) ئەردوغان-شولزنىڭ تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدا تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باش مىنىستىرنى ۋەزىپىسىنى باشلىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىدى» دېگەن ئىدى.

باياناتتا، «تۈركىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى يېقىن كوردىناتسىيەنى داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ئوخشاش پىكىرگە ئىگە. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە تاشقى سىياسەت مەسىلىلىرى بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى بولدى» دېيىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر