سويلۇ: 2021 - يىلى بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ 156 ئايرىم ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئالدۇق

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ ، 2016-يىلدىن بۇيان شەھەرلەردە ھېچقانداق تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1750556
سويلۇ: 2021 - يىلى بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ 156 ئايرىم ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئالدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ ، 2016-يىلدىن بۇيان شەھەرلەردە ھېچقانداق تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «2021-يىلى بىز بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ 156 ئايرىم تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئالدۇق» دېدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن 2021-يىللىق ۋىلايەتلىك ساقچى باشلىقلىرى مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرەش توغرىسىدا توختىلىپ: «خۇداغا شۈكرى، 2016- يىلى 12 - ئاينىڭ  31 - كۈنىدىن باشلاپ شەھەرلىرىمىزدە تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىدى. ھەتتا (بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى) پ ك ك  نىڭ تاغلىق رايونلاردىكى ھەرىكەتلىرىمۇ يېقىنقى 6 يىلدا %95 تۆۋەنلىدى» دېدى.

سويلۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «2017-يىلى بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ 697 ئايرىم مۇھىم ۋەقەسىنىڭ ئالدىنى ئالغانىدۇق؛ بۇ سان ھەر يىلى ئازىيىپ، 2021 - يىلى 156 گە قىسقاردى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەم يۈز بەرگەن ھەرىكەتلەر سانى ۋە يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ئالدى ئېلىنغان ھەرىكەتلەر سانى ئازايدى. بۇ بىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرەشتىكى مۇۋەپپەقىيىتىمىزنىڭ ئېنىق خۇلاسىسىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر