تۈركىيە فىلىپپىنگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە فىلىپپىندە چىققان تايفۇن بورىنىدا جېنىدىن ئايرىلغان كىشىلەر ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى فىلىپپىندە چىققان تايفۇن بورىنىدا جېنىدىن ئايرىلغان كىشىلەر ئۈچۈن تەزىيە تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى.
مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا: «فىلىپپىننىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي رايونلىرىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن ئودېتتد تايفۇن بورىنىدا نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇردۇق. جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن-يورۇقلىرىغا ۋە دوست فىلىپپىن خەلقى ھەمدە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز» دېيىلدى.
فىلىپپىندە تايفۇن بورىنى سەۋەبىدىن ئەڭ ئاز دېگەندە، 121 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. 50 دىن ئارتۇق ئادەم ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتتى. 780 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئاپەتنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغانلىقى، 300 يېزىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنى ئاتىنادا ئېچىلدى
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى يىغىنى ئاتىنا (ئافىنا)دا ئۆتكۈزۈلدى.