مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئافغانىستان مەسىلىسى ئۈستىدە مۇھىم سۆز قىلدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئافغانىستاندا %60 ئاھالەنىڭ ئاچارچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئافغانىستان ئۈچۈن خەلقئارالىق قوللاشنى ھەركەتكە ئۆتكۈزۈش ۋە سەپەرۋەر قىلىشتا باشلامچىلىق رول ئوينىشى كېرەك» دېدى.

1749547
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئافغانىستان مەسىلىسى ئۈستىدە مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادتا ئافغانىستاندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن چاقىرىلغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشىنىڭ 17- نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە يىغىنىدا ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئافغانىستان خەلقى بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ ئەخلاقىي مەسئۇلىيەت ۋە دىنىي مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ھازىر ئافغانىستاندا تەخمىنەن 23 مىليون كىشى ئاچارچىلىققا دۇچ كەلمەكتە. بۇ نوپۇسنىڭ 60% نى تەشكىل قىلىدۇ. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوقۇم ئافغانىستان ئۈچۈن خەلقئارالىق قوللاشنى ھەركەتكە ئۆتكۈزۈش ۋە سەپەرۋەر قىلىشتا باشلامچىلىق رولى ئوينىشى كېرەك» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ ئافغانىستان ئىقتىسادىنىڭ يىمىرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى، داۋاملىشىۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ مالىيە سىستېمىسىغا ئىنتايىن ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «ئەگەر بۇ مالىيە مەنبەسى ئافغانىستان خەلقىگە يەتكۈزۈلمىسە، بەرگەن ۋەدىلىرىمىزنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ. مالىيە مەنبەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى دەرھال ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ئوبوروت ۋە بانكىنىڭ يۆتكەش مەنبەلىرىنى مۇشۇ ئۇسۇلدا ھەل قىلىشىمىز كېرەك» دېدى.

ئۇ يەنە ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ قوشنا دۆلەتلەرگە بولغان كۆچمەنلەر ئېقىمى بېسىمى ۋە يۈكىنى ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىنى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ب د ت پاناھلانغۇچىلار كومىسسارلىقى ۋە خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى قاتارلىق باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، كۆچمەنلەرنى داۋاملىق قوللىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

چاۋۇشوغلۇ ئافغانىستاندا تالىبان ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ مۇقىملىقنى ئورنىتىشتا ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ھازىرقى ھۆكۈمەتنى ھەممىنى قۇچاقلىيالايدىغان، ھەممەيلەننىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قوغدايدىغان ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاياللار بىلەن قىزلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئوقۇش پۇرسىتىنى كېڭەيتەيدىغان بولىشى ئۈچۈن قوللاشنى داۋاملاشتۇرىشىمىز شۇنداقلا بۇ يۆنىلىشتە تەلقىنلەردە بولىشىمىز لازىم» دېدى.

بۇ دائىرىدە ئېلان قىلىنغان بارلىق ئىجابىي بايانلار ۋە قەدەملەرنى ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇلارنىڭ تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى قانۇنلۇق سالاھىيىتىنى شۇنداقلا كۈچىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چاۋۇشئوغلۇ ئافغانىستاندىكى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان كرىزىسنىڭ ئاسىيادىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە ئىنتايىن سەلىبىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ يەنە مۇنداق دېدى: «ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ، پاكىستان، ئىران، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، ھىندونېزىيە ۋە مالايسىيا قاتارلىق بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسىگە ئاكتىپ قاتنىشىشىنى ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمىز. بىز چوقۇم تېخىمۇ كۆپ قەدەم تاشلىشىمىز ۋە  ئىسلام جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ كابۇلغا قىلىدىغان بىر زىيارىتى ئارقىلىق ئافغانىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان ھەمكارلىقىمىزنى كۆرسىتەلەيمىز. ئۇچۇرلىرىمىزنى شۇ يەرگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئىسلام دۆلەتلىرى سۈپىتىدە يېتەكچى رول ئوينىيالايمىز.  سۆزلىرىمنى خۇلاسىلەشتىن بۇرۇن، پايتەختى قۇددۇس شەرىپ  بولغان مۇستەقىل پەلەستىننى بەرپا قىلىشتىكى قەتئىي ئىرادىمىز ۋە قوللىشىمىزنى تەكىتلىمەكچىمەن. قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم! ئافغانىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە لايىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن، بىز ھازىر ھەرىكەتكە ئۆتىشىمىز كېرەك»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر