ئەردوغان 3 - نۆۋەتلىك تۈركىيە - ئافرىقا ھەمكارلىقى باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئەزەلدىن ئافرىقا ۋە ئافرىقا خەلقىدىن يۈز ئۆرۈپ باقمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1749333
ئەردوغان 3 - نۆۋەتلىك تۈركىيە - ئافرىقا ھەمكارلىقى باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلدى
erdogan Turkiye-afrika zirvesi2.jpg
erdogan Turkiye-afrika zirvesi1.jpg
erdogan Turkiye-afrika zirvesi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان 3  - نۆۋەتلىك تۈركىيە  - ئافرىقا ھەمكارلىقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى رەسمىي كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ۋە ئائىلە فوتو – سۈرىتىگە چۈشۈش بىلەن باشلاندى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا قىلغان سۆزىدە، تۈرك خەلقىنىڭ ئافرىقا خەلقى بىلەن تارىخى 9  - ئەسىرگە تۇتىشىدىغان كىشىلىك مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيەنىڭ ئافرىقا ۋە ئافرىقا خەلقىدىن قەتئىي يۈز ئۆرىمىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەنىڭ باشتا شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرى بولۇپ، ئافرىقا قىەتئەسىنىڭ ئەركىنلىك ھەرىكەتلىرىنى كۈچلۈك قوللاپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئەلچىخانا سانىنىڭ 2005  - يىلىدىكى 12 دىن ھازىرقى 42 گە كۆپەيگەنلىكىنى، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىلىرى سانىنىڭ 10 دىن 37 گە كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە، تۈركىيە  - ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى 16 يىل ئىلگىرى تەسەۋۋۇرمۇ قىلغىلى بولمايدىغان سەۋىيىگە يەتكۈزگەنلىكلىرىنى ئېيتقان ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: ««بىزنىڭ (ئافرىقا) چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن بولغان 5 مىليارد 400 مىليون دوللارلىق سودا مىقدارىمىز 2020  - يىلى 25 مىليارد 300 مىليون دوللاردىن ئېشىپ كەتتى. 2021  - يىلى 1  - يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەركىن سودا رايونى كېلىشىمىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. بىز ئىككى تەرەپلىك سودىمىزنى ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئالدى بىلەن 50 مىليارد دوللار، ئاندىن 75 مىليارد دوللارغا يەتكۈزىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز» دېدى.

تۈركىيەنىڭ تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوئوردىناتسىيە ئاگېنىتلىقى — تىكا، يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى، مائارىف فوندى جەمئىيىتى، ئانادولۇ ئاگېنتلىقى، تۈركىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى ۋە قىزىل ھىلال ئاي قاتارلىق ئورگانلىرى ئارقىلىق ئافرىقا قىتئەسىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەنلىكىنى بايان قىلغان ئەردوغان: «بىز بىرلىكتە غەلىبە قىلىش، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىش، بىرلىكتە گۈللىنىش، بىرلىكتە قولمۇقول ھالدا كەلگۈسىگە قاراپ مېڭىشقا تىرىشىۋاتىمىز» دېدى.

دۇنيادىكى يۇقۇم  ۋاكسىنىسىغا ئېرىشىش ئادالەتسىزلىكىنىڭ ۋە ئافرىقا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقتىن ۋاقىپ ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان ئەردوغان: «ئالدىمزىدىكى مەزگىلدە ئىمكانىيىتىمىزنىڭ يېتىشىچە 15 مىليون ۋاكسىنىنى ئورتاقلىشىشنى پىلانلاۋاتىمىز. (يەرلىك يۇقۇم ۋاكسىنىسى تۇركوۋاك) قا مۇناسىۋەتلىك مۇساپە تاماملانغان ھامان، ئۇنى خەلقىمىز ۋە ئافرىقالىق قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ خىزمىتىگە سۇنىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

«بىز دۇنيا 5 تىن چوڭدۇر، دېگەن بايراق ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشنى يالغۇز ئۆزىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئافرىقالىق قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈنمۇ قىلىۋاتىمىز» دېگەن ئەردوغان يەنە، ئافرىقانىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە مۇناسىپ ھالدا ۋەكىللىك رولىنى نامايان قىلىشى ئۈچۈن، كۈچ قوشۇپ ھەرىكەت قىلىش لازىم دېدى.

ئەردوغان ئاخىرىدا: «ئىنشائاللاھ، بۈگۈن قىلىدىغان ئىشلىرىمىز ۋە چىقىرىدىغان قارارلىرىمىز بىلەن تۈركىيە  - ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىنى پارلىتىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر