تۈركىيە ھايتى خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە ھايتىدا يېقىلغۇ توشۇيدىغان يۈك ئاپتوموبىلى پارتىلىشىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، كاپ-ھايتىيېن شەھىرىدە ماي باكى ئاپتوموبىلىنىڭ پارتىلىشى نەتىجىسىدە 50 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تاپقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، «ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن ھايتى خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز. يارىلانغانلارنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيمىز» دېيىلدى.
ھايتىنىڭ كاپ-ھايتىېن شەھىرىدە يېقىلغۇ توشۇيدىغان يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ پارتىلىشى نەتىجىسىدە، دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا ئاساسلانغاندا، ئەتراپتىكى 50 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان ۋە ئونلىغان كىشى يارىلىنىپ دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.