چاۋۇشئوغلۇ باڭلادېش دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ باڭلادېش دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇلمۆمىن بىلەن كۆرۈشتى.
1746438
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، پايتەخت ئەنقەرەدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ۋە تۈركىيە – باڭلادېش مۇناسىۋەتلىرى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىش ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «باڭلادېشنىڭ قۇرغۇچى پىرېزىدېنتى شەيخ مۇجىبۇرراھماننىڭ نامى بېرىلگەن باغچا ۋە ھەيكەلنىڭ ئېچىلىشىنى ئىشقا كىرىشتۈرىدىغان باڭلادېش دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇلمۆمىننى كۈتۈۋالدۇق، ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە – باڭلادېش مۇناسىۋەتلىرى ۋە ھەمكارلىق لايىھەلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق.»